send link to app

ئەۋلاد لۇغىتى app for iPhone and iPad


4.0 ( 9680 ratings )
Education Book
Developer: Abdullah karakas
Free
Current version: 2.0, last update: 4 years ago
First release : 04 Oct 2019
App size: 54.51 Mb

بۇ كۆپ تىللىق لۇغەتكە ئۇيغۇرچە، چاغاتايچە، تۈركچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچە، ياپونچە، رۇسچە، نورۋېگچە، قازاقچە، خەنزۇچە قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق تىل كىرگۈزۈلگەن. لۇغەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى تاق ۋە قوش يۆنىلىشلىك. بۇنىڭدىن سىرت ھەر قايسى تىللارنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتلىرى، ئۇيغۇرچە ماقال - تەمسىللەر، تۇراقلىق ئىبارىلەر، ئىدىيوم ، يەر – جاي ناملىرى، دىنىي ئاتالغۇلار، كىشى ئىسىملىرى ۋە ھەر خىل كەسپىي لۇغەت ۋە سۆزلۈكلەر مەۋجۇت. ئومۇمىي لۇغەت سانى 80 خىلغا يېتىدۇ. سۆزلۈك زاپىسى ئىنتايىن مول بولۇپ، بىر قانچە مىليوندىن ئاشىدۇ. لۇغەت ۋە سۆزلۈكلەر ۋەتەن – ئىچى سىرتىدا نەشر قىلىنغان ھەرقايسى قامۇس، لۇغەت ۋە سۆزلۈك كىتابلىرىدىن ئېلىنغان. «ئەرەبچە – ئۇيغۇرچە قامۇس (مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم)» ۋە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى (خېۋىر تۆمۈر، ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي)» قاتارلىق بىر قانچە لۇغەت كىتابلىرى «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈلگەن. نەشر ھوقۇقى يەنىلا لۇغەت ئىگىلىرىگە تەۋە. ئەگەر «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
بۇ ئەپ دېتالىمىزغا يەنە ئىملا تەكشۈرگۈچ، يېزىق ئالماشتۇرغۇچ ۋە خاتىرە دەپتەر قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلدى. لۇغەتلەر داۋاملىق كۆپەيتىلىدۇ، يېڭىلىنىدۇ ۋە دېتال ئىقتىدارلىرى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلىدۇ.